ئامېرىكا تەيۋەندىكى ئورگىنىغا ھەربىي ئەمەلدار ئەۋەتمەكچى


2004.12.19

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان جەينىس مۇداپىئە ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ يەكشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى بىر ھەربىي ئەمەلدارىنى تەيۋەندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىكەن.

ئەگەر مەزكۇر خەۋەر ئېنىقلانسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ 1979 - يىلى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، تەيۋەنگە تۈنجى قېتىم ۋەزىپىدىكى ھەربىي ئەمەلدارنى ئەۋەتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئانالىزچىلار، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنىڭ خىتاينى غەزەپلەندۈرىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا.

ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى بەلگىلىمىسى بويىچە، ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت خادىمى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن تەيۋەنگە بېرىپ خىزمەت قىلالايدۇ. شۇڭا ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا سابىق دىپلوماتلار ۋە بىر قىسىم پۇقرالار ياللىنىپ ئىشلەيدۇ. "جەينىس مۇداپىئە ھەپتىلىك ژورنىلى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي غەرەزلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، يۇقىرىقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىگە كەلگەن.

ئامېرىكا خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، تەيۋەنگە دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىۋاتقان بىردىنبىر ئاساسلىق دۆلەت. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئەگەر تەيۋەن خىتاينىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىسا، تەيۋەننى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.