تەيۋەن ،ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى ئەھمىيەتسىز كۆرسىتىشكە تىرىشتى
2004.12.23
تەيۋەن دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىچارد ئارمىتىچنىڭ سۆزىنى ئەھمىيەتسىز قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى. رىچارد ئارمىتىچ تەيۋەننى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بىر مىنا دەپ تەسۋىرلەپ، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە ھوجۇم قىلسا، ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەننى مۇداپىئە قىلىشى ھاجەت ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
تەيۋەننىڭ باش مىنىستىرى يۇۋ شىكۈن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن تاڭشەن پەيشەنبە كۈنى ئارقا- ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1979 - يىلى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، بىراق " تەيۋەن مۇناسىۋەتلەر قانۇنى" بويىچە، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئىلگىرى تەيۋەن خىتاينىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغان شارائىتتا، تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق ئارمىتىچنىڭ سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ دىگەندەك گۇمانلارنى قوزغىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئارمىتىچنىڭ پەقەت ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇنىڭدىن سىرت، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەيۋەندە يېڭىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق خەلق رايىنى سىناشنىڭ نەتىجىسىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە،٪ 40 ئامما خىتايدىن ئايرىلىپ، ھەقىقىي مۇستەقىل بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.٪ 68 ئەگەر خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتىلىسا، ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى خالايدىكەن.(ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋەزىپىسىدىكى ئىنستىتۇتى بىنا سېلىش ئۈچۈن 99 يىللىق ئىجارىگە قول قويدى
- ئامېرىكا تەيۋەندىكى دېپلوماتلىرىنى ئاكتىپ ۋەزىپىدىكى ھەربىيلەردىن تاللايدۇ
- تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا تەيۋەندىكى ئورگىنىغا ھەربىي ئەمەلدار ئەۋەتمەكچى