ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەن ئۇرۇش پاراخوتىنى بۇ يىل يەتكۈزمەكچى


2005.08.16

ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەن 4 دانە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئىككىسىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تەيۋەنگە يەتكۈزىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ كىد تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ھەر بىرى 8 مىڭ توننا ئېغىرلىقتا بولۇپ، ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى بۇنى بۇ يىل 11 - ئايدا تەيۋەنگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. شۇنداقلا ئامېرىكا تەيۋەننىڭ 1000 غا يېقىن دېڭىز ئارمىيە خادىملىرىنى ئۇرۇش پاراخوتلارنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا مەخسۇس بىر يىل چېنىقتۇرىدىكەن.

بۇ ئۇرۇش پاراخوتلىرى 1998 - يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدىن قېلىپ قالغان بولۇپ، تەيۋەن ھەربىي دائىرىلىرى 2001 - يىلى بۇ 4 دانە ئۇرۇش پاراخوتىنى 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان ئىدى. بۇ پاراخوتلاردا يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئافتومات ۋە ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇش ئەسلىھەلىرى بار ئىكەن.

تەيۋەن دائىرىلىرى بۇ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئاساسلىقى، خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋالغان. ئەمما تەيۋەندىكى ئۆكتىچىلەر بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، بۇ پاراخوتلارنىڭ ئوكيان ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككى قىرغاق ئۇرۇشىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.