خىتاي ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى


2007.03.29

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ ۋېنچۇڭ بۇش ھۆكۈمىتىدىن، تەيۋەنگە ئىلغار قوراللار سېتىپ بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

جۇ ۋىنچۇڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەنگە ھەربىي قورال سېتىشنى توختىتىش بىلەن بىرگە، تەيۋەنگە بېرىلگەن خاتا سىگنالنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇ ۋېنچۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاشىنگتوننىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشى، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى دىپلوماتىيە جەھەتتە، تەيۋەن بىلەن رەسمىي يوسۇندا تاشقى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئامېرىكا بولسا تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ "تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى" بويىچە ئامېرىكىنىڭ ئەگەر تەيۋەن ھۇجۇمغا دۇچ كەلسە، تەيۋەننى قوغداشقا ھەمكارلىشىش ۋەزىپىسى بار .

خىتاي، ئىزچىل تۈردە تەيۋەننى ئۆزىدىن ئايرىم تۇرۇۋاتقان بىر ئۆلكە دەپ قاراپ، ئەگەر تەيۋەن " مۈستەقىللىق" نى رەسمىي جاكارلىسا ، تەيۋەنگە چوقۇم قوراللىق ھۇجۇم باشلايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە. تەيۋەن پرىزىدېنتى چېن شۈيبيەن بولسا"تەيۋەننىڭ مۈستەقىل بولۇش بولماسلىقىنى تەيۋەندىكى 23 مىليون خەلق بەلگىلەيدۇ"دەپ ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.