ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتى خىتاي دېڭىز پورتىنى زىيارەت قىلدى
2005.09.13
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي بېرىپ - كېلىش ئالاقىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە بىر ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ چىڭداۋ پورتىنى زىيارەت قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، "كۇرتىن ۋىلبور " ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاراخوتىنىڭ چىڭداۋدىكى زىيارىتى بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدىكەن.
خىتاي شىمالىي دېڭىز پىلوتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى چىڭداۋدا بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى زىيارەتنى "ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە خادىملىرىغا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىدىكى مەسلەكداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش،" دەپ كۆرسەتتى. " كۇرتىس بىلبور" ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى ئادەتتە غەربىي تىنچ ئوكيان ۋە ياپونىيىنىڭ يوكوسۇكا رايونى ئەتراپىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ.
تەيۋەن ئۇزۇندىن بېرى بۇ تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئەگەر تەيۋەن بۇ تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتىنى سېتىۋالغان بولسا ئۇ، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا روشەن دەرىجىدە تەھدىت سېلىش كۈچىگە ئىگە بولاتتى.
پرېزىدېنت بۇش دەسلەپكى يىللىرىدا تەيۋەننىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان. ئەمما خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانى 2006 - يىلى 800 دانىغا يېتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا تەيۋەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق سۆزلەشمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- دونالد رامىسفىلد ئۆكتەبىردە بېيجىڭنى زىيارەت قىلماقچى
- خۇ جىنتاۋ بىلەن بۇش نيۇ - يوركتا ئۇچرىشىدۇ
- خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتاي - رۇسىيە ھەربىي مانېۋىرىنى دىققەت ئېتىبارى بىلەن كۆزىتىدۇ
- ئامېرىكا ب د ت دىن خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت پروگراممىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى