خىتاي، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2006.03.07

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ، سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۈچىيىشى قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، ئەكسىنچە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق، دېدى

لى جاۋشىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق يېغىنى جەريانىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يېغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، گەرچە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا مەسىلسى، تەيۋەن، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش مەسىلىلەردە جىددىي ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىدىغان ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. بىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، مەۋجۇت ئىختىلاپلىرىمىزنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئىشلەشكە تەييار، دېدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتىدا يەنە، ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، يادرو ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشى كېرەك، دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كېلەر ئاي ئامېرىكىغا قىلماقچى بولغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتى ھارپىسىدا، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا مۇلايىم بىر پوزىتىسيە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.