ئامېرىكا ۋە خىتاي بېيجىڭدا ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 8 - ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ياردەمچىسى رودمان خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتاپ ياردەمچىسى جاڭ چىنشىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى رودماننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، " بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى تەرەپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.
ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامىسفېلد سىنگاپۇردا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى داۋامىدا ، خىتايدىن، ھەربىي خىراجەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان پىلانلىرىنى ئوچۇق ئاشكارىلىشىنى تەشەببۈس قىلدى. رامىسفېلد سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ھەربىي خامچوتىنى ئاشۇرۇشى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي دائىرىلىرى بولسا ھەر يىللىق ھەربىي خامچوتىنىڭ 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتىراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە، بىراق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ بۇ يىللىق ھەربىي خامچوتىنىڭ تەخمىنەن 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆزىنىڭ سودا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى باھانە قىلىپ، ھەربىي خىراجىتىنى ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇپ كەلمەكتە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىغان رايوندىكى دۆلەتلەر، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلماسلىقنى تەلەپ قىلماقتا. (ئەقىدە)