ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى زىڭ يىنچۈئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خوڭكوڭدىكى پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىڭ يىنچۈئەن خوڭكوڭنىڭ باشلىقى بولغاندىن بۇيان تۈنجى قېتىم ۋاشىنگتونغا قىلغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىدە، ئاۋام پالاتا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خەنرىي خايىد ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى رەھبىرى توم لەنتىس بىلەن كۆرۈشكەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بۇ رەھبەرلىرى خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى سىياسىي ئىسلاھات لايىھىسىدە، ئومومىي سايلام مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەشلەر يوقلىقىدىن ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇلار يەنە خوڭكوڭنىڭ مەتبۇئاتلار ۋە كۆچمەنلەرگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشى، دېموكراتىك زاتلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى ھەمدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭنىڭ " ئاساسىي قانۇنى" غا يىتەرلىك ھۆرمەت قىلمايۋاتقانلىق مەسىلىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەمما زىڭ يىڭچۈئەن خوڭكوڭنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان يېڭى سىياسىي ئىسلاھات لايىھىسىنى ئاقلاپ، ئۇنى دخوڭكوڭنىڭ ئېموكراتىيىلىشىشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم دەپ ئاتىغان. ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى سەپىرى ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ خوڭكوڭغا بولغان "خاتا" چۈشىنىشىنى يوقۇتۇشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۈزەتكۈچىلەر، خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان نەچچە يىل ئىچىدىلا، خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىسىدە زور چىكىنىش بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)