خىتاي ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا تۈرلەرگە قاتنىشىشىنى چەكلىدى


2006.05.18

رويېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتايدىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئۇلارنى خەلقئارا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تۈرلىرىگە قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، "خەلقئارا ئەيدىز ۋە تۇبىركىليۇزدىن مۇداپىئەلىنىش يەر شارى فوندى" ، مەزكۈر تۈرلەر بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشكىلاتلىرىنى ھۆكۈمەتسىزلىك قىلغان دەپ قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ھەتتا ئۇلارنىڭ مەزكۈر فوندىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشىنىمۇ چەكلىگەن.

رويېترس ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، " خەلقئارا ئەيدىز ۋە توبىركۇليۇزدىن مۇداپىئەلىنىش يەر شارى فوندى" ھەر قايسى ئاممىۋي تەشكىلاتلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە تەمىنلەيدىغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتايدا ئەيدىز ۋە توبىركۇليۇزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتىنىڭ سانى 60 قا يېتىدۇ، ئۇلار چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بىر ئارىغا كېلىپ، ۋەكىل سايلاپ "خەلقئارا ئەيدىز ۋە توبىركۇليۇز " فوندىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى پىلان قىلغان ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بۇ پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يول قويمىغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.