خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغىچە ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەۋاتقان بىر چاغدا، ب د ت نىڭ بۇ يىلقى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى خىتايدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
ب د ت مائارىپ ۋە پەن مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى سۈن لېينىڭ ئەسكەرتىشىچە، كىشىلەر دۇنيا بويىچە 6000 دىن 10000 غىچە بولغان ئانا تىلدا سۈزلەشسىمۇ، ئەمما بۇ تىللارنىڭ يېرىمى ئۆلمەكتە ياكى يوقالماقتا ئىكەن.
ب د ت 1999 - يىلى 21 - فېۋرالنى خەلقئارا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەندىن بېرى، ھەر يىلى شۇ كۈنى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى. سۈن لېي، جۈمە كۈنى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىلقى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، " خەلقئارا جەمئىيەت يەرلىك ئانا تىللار ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە " دەيدۇ.
جۇڭگو خەلقئارا مائارىپ ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى زۇڭ گاڭ، جۇڭگونىڭ ئانا تىل ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسىدە يەرشارىلىشىشنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان رىقابەت ۋە پۇرسەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلى خىتاي ئاساسى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ سېپىدىن سىقىپ چىقىرىشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، يېقىندا بۇنى 100 يىللىق پىلان، دەپ ئاتىدى ۋە ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى بېيجىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ كۈنى جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسىلەر ۋە چەتئەللىك ئالىملار ئىلمىي يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىپ، تىل مائارىپى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. (ئەركىن)