خىتايدا لوڭۋاڭ دېڭىز چاپقۇنىدا ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 65 ئادەم ئۆلۈپ، ئىز دېرەكسىز يوقالغانلار بىر قانچە ئونغا يەتتى. دېڭىز چاپقۇنىدا خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ فۇجۇدىكى بىر مەكتىپىنى لاتقا بېسىۋېلىپ، مەكتەپتىكى 59 نەپەر ساقچى غايىب بولغان ئىدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر سەيشەنبە كۈنىگىچە لاتقا ئاستىدا قالغان ساقچىلاردىن 50 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقان. ھازىرغىچە ئىز دېرەكسىز يوقالغانلار 36 گە يەتتى. قوراللىق ساقچىلارنى لاتقا بېسىۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، غايىب بولغان ساقچىلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. دائىرىلەر ھەربىيلەر، قوراللىق ساقچىلار ۋە يەرلىك ئاھالىلار بولۇپ 7 مىڭ كىشىنى سەپەرۋەر قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلۈم - يىتىم ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر خەۋەرلەرنى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىر تۇتاش كونترول قىلغان بولۇپ، يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ توغرىسىدا خەۋەر بېرىشىگە چەكلىمە قويۇلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى دېڭىز چاپقۇنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن 500 مىڭ پۇقرانى فۇجيەننىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن تارقاقلاشتۇردى. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېڭىز چاپقۇنىدا 5500 يۈرۈش ئۆي ۋەيران بولغان. (ئەركىن)