بۇ يىل ئىچىدە خىتاي بويىچە 1247 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلدى


2005.10.07

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قوماندانلىق مەركىزى، بۇ يىل ئىچىدە خىتاي بويىچە 1247 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلۈپ، 331 كىشىنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى، 2001 مىليون كىشى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1 مىليون 170 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن بولۇپ، كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان 16 مىليارد 800 مىليون يۇئەنگە يېتىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا يۈز بەرگەن دېڭىز چاپقۇنىنىڭ ئۆزىدىلا 190 ئادەم ئۆلگەن.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى فۇجۇدىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ بىر مەكتىپىنى لاتقا بېسىۋېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلار 80 گە يەتكەن. بەش ساقچىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز دېرىكى يوق ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بۇنىڭدىن تەبئىي ئاپەتلەردە ئۆلگەن ئادەم سانى دۆلەت مەخپىيەتلىكى ھېسابلانمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتكە ئوخشاش رايونلاردا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەردە بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىدىن گۇمان قىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.