خېنەندىكى بىر يەسلىدە قەستەن ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 بالا ئۆلدى
2006.05.08
خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر يەسلىدە دۈشەنبە كۈنى قەستەن ئوت قويۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3 بالا ئۆلگەن ۋە 13 ى يارىلانغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خېنەننىڭ گوڭ يى ناھىيىسىدىكى19 ياشلىق بەي نىڭياڭ ئىسىملىك بىرى بۇ يەردىكى بىر يەسلى سىنىپىغا كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ تۇرۇپ، ئۆزى ئېلىپ كەلگەن گاز قۇتىسىغا ئوت ياققان. نەتىجىدە 5 ياشلاردىكى 3 ئوغۇل بالا ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن ۋە 10 نەچچىسى يارىلانغان.
نۆۋەتتە ساقچىلار بەي نىڭياڭنى قولغا ئالغان ۋە بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. لېكىن ئۇلار بۇ كىشىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئوت قويۇش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى تېخى ئېنىقلاپ بولمىغان. خىتايدىكى مەكتەپلەردە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئوت قويۇش، ئوقۇغۇچىلارنى گۆرۈگە ئېلىش ۋە پىچاق سېلىشتەك جىنايى ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ قالغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3- ئايدىن باشلاپ مەكتەپلەرگە ساقچىلارنى پوستقا قويۇشنى جاكارلىغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە بىر كىشى ئەنخۈيدىكى مەلۇم بىر مەكتەپكە كىرىپ، ئۆيدە ياسالغان 6 دانە تاپانچا بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان ئىدى. خىتايدىكى بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ كۆپۈنچىسى كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئاچچىغىنى چىقىرىش ياكى ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشتا بىر ئۆسمۈر قىز تاياق يەپ ئۆلدى
- ب د ت خىتايدىن نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي مەتبۇئاتى، سىاقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- خىتاي زىيالىيلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى