خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەر دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتىغا زىيان سالدى
خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، قۇرغاقچىلىق ، كەلكۈن ئاپىتى ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلى، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيان يەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال يېمەك- ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە: " كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، تەيفېڭ بورىنى، زىرائەتلەر گە چۈشكەن كۆيۈك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە" دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە كۈزلۈك تېرىقچىلىقنى ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بولغان خىتاينىڭ جەنۇبى رايونلىرى ئالدىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ يەرلەرنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلمەكتە.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 - ئىيۇل بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا خىتاي ئانالىزچى ياڭ يۇڭگۇاڭنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ياڭ "دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتىنىڭ كەملەپ كېتىشى يېمەك - ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دېگەن.
ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى، مال باھاسىنىڭ 4.4 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 2007- يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا يېمەك- ئىچمەك باھاسى 7.6 پىرسەنت ئۆرلىگەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- جېجاڭدا ئىككى قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كېتىپ 17 ئادەم ئۆلدى
- جۇڭگو دائىرىلىرى تەيپىڭ ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى
- بۇ يىل ئىچىدە خىتاي بويىچە 1247 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلدى
- لوڭۋاڭ دېڭىز چاپقۇنىدا ئاز دېگەندە 50 ئادەم ئۆلدى
- خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەردىكى ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەلىرى بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەمەس
- خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 47 كىشى ئۆلدى
- سىچۈەندە سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم سانى 17 گە يەتتى
- خېيلوڭجياڭدىكى كەلكۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 91 غا يەتتى
- خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 170 كىشى قازا قىلدى