خىتايدا تەبىئىي ئاپەتلەر دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتىغا زىيان سالدى

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، قۇرغاقچىلىق ، كەلكۈن ئاپىتى ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلى، خىتاينىڭ بۇ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا زىيان يەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال يېمەك- ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە: " كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، تەيفېڭ بورىنى، زىرائەتلەر گە چۈشكەن كۆيۈك ۋە زىيانداش ھاشارەتلەر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە" دەپ كۆرسىتىلگەن ۋە كۈزلۈك تېرىقچىلىقنى ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بولغان خىتاينىڭ جەنۇبى رايونلىرى ئالدىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ يەرلەرنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ شەرقىي شىمال رايونلىرى ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچ كەلمەكتە.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 ‏- ئىيۇل بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا خىتاي ئانالىزچى ياڭ يۇڭگۇاڭنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ياڭ "دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتىنىڭ كەملەپ كېتىشى يېمەك ‏- ئىچمەك باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دېگەن.

ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى، مال باھاسىنىڭ 4.4 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 2007- يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا يېمەك- ئىچمەك باھاسى 7.6 پىرسەنت ئۆرلىگەن. (جۈمە)