شەندوڭدىكى ئىككى چوڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسىدە ئېغىر ئۆلۈم يېتىم كۆرۈلدى


2007.08.21

شاندوڭ ئۆلكىسى زۇپىڭ كەنتىگە جايلاشقان بىر قەلەي قۇيما زاۋۇتىدا 19 - ئاۋغۇست كۈنى ئەتتىگەندە قەلەي ئېرىتمىسى چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، 20 - ئاۋغۇستقىچە زاۋۇتتىكى 14 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ھەم 59 ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇنىڭغا دائىر بەرگەن خەۋىرىدە زۇپىڭ ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى فەن يۈنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، يارىدار ئىشچىلار ناھىيىدىكى ئىككى چوڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزماقتا ئىكەن. ئەمما ئۇ يارىدارلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئوچۇق توختىلىشنى رەت قىلغان.

مەزكۇر ۋەقە زاۋۇتىدا يەكشەنبە كۈنى يەرلىك ۋاقىت 8دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە 900سېلسىيە گرادۇسلۇق قەلەي ئېرىتمىسى تۇيۇقسىز تېشىپ كېتىش سەۋەبلىك يۈز بەرگەن. بۇ چاغدا 82 نەپەر ئىشچى ئىش ئۈستىدە ئىكەن. ئېرىتمە بىلەن پار زاۋۇتنى بىر دەمدىلا ئىس تۈتۈن قاپلىغان ھەمدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا زاۋۇتنىڭ بەزى تۈۋرۈكلىرىمۇ ئېرىپ ئۆرۈلگەن.

20 - ئاۋغۇست يەنە شەندوڭنىڭ شىڭتەي خۇئايۇئەن كان مەھسۇلاتلىرى شىركىتىگە قاراشلىق بىر كاندا سۇ بېسىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 584 نەپەر ئىشچى قېچىپ چىققان بولسىمۇ ئەمما 172 نەپەر ئىشچى كان ئاستىدا قالغان.

مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىگە ئۈچ كۈن بولسىمۇ ھازىرغىچە بۇ 172 نەپەر ئىشچىنىڭ ھايات ياكى ئەمەسلىكى ئېنىقلانمىغان. كان ئىشچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە كاننى 20 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا سۇ باسقان. ۋەقە ھەققىدە يەرلىك دائىرىلەر ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا، ۋەقە ئېنىقلانمىغىچە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا جاۋاب بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ ئېلان قىلىشىچە 2006 - يىلى بىر يىلدىلا ئىش ئۈستىدە ئۆلگەنلەر 110 مىڭ بولۇپ، بۇ كۈنىگە 320 ئادەمدىن توغرا كېلىدىكەن.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.