جۇڭگو دائىرىلىرى تەيپىڭ ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلدى

جوڭگو ھۆكۈمىتى "ساۋمېي،" دەپ ئاتالغان تەيپىڭ بورىنىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى يوشۇرغانلىقىنى رەت قىلىپ، جۈمە كۈنگىچە مەزكۇر ئاپەتتە 330 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگو خەلق ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ جېنياۋ شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا " تەبىئىي ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش مەمۇرى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. بۇنى ئېلان قىلىش يەرلىك دائىرىلەر ئۈچۈن بېسىم ئەمەس. شۇڭا ھەقىقىي ساننى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق" دەيدۇ.

ۋاڭ جېنياۋ ساۋمېي تەيپىڭ بورىنىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ سۆزلەرنى تەيپىڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان شەرقىي - جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىز قىرغىدىكى پۇقرالار، ئاپەتتە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ساندىن 3 ھەسسە كۆپ، دەپ شىكايەت قىلغاندىن كېيىن تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ فۇجيەن قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى رايونلار 1949 - يىلدىن بېرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تەيپىڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھازىرغىچە 1000 دەك كىمە سۇ ئاستدا قالغان، 50 مىڭ ئېغىز ئۆي ۋەيران بولغان ۋە 6 شەھەر توسۇلۇپ قالغان.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فۇجيەن دېڭىز قىرغىقىدىكى پۇقرالار ھۆكۈمەتنى ئاپەتكە سەل قارىدى، پۇقرالارنى يىتەرلىك دەرىجىدە ئاگاھلاندۇرمىدى، دەپ ئەيىبلىمەكتە. جۇڭگودا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ جامائەت پىكىرى ۋە يۇقىرىنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش قازاسىدا ئۆلگەنلەرنى كېمەيتىپ مەلۇم قىلىدىغان ئادىتى بار. (ئەركىن)