خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونومىيىلىك مەسىلىلەر بويىچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى


2005.02.28

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى مىللىي مەسىلىلەر بويىچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، خىتايدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قازانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق كۆزەتكۈچىلەر مىللەتلەر مەسىلىسى خىتايدىكى قەرەللىك بومبا، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئاق تاشلىق كىتابتا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، دەپ جاكارلىغان. ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قانۇن چىقىرىش، تىل - يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دىنىي - ئېتىقات ئەركىنلىكى شۇنداقلا ئۆرپ - ئادەتلىرىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تاشقى دۇنيادا يېقىنقى چاغلارغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەسىلىلەردىكى ئەڭ چوڭ قايغۇسى ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر، دەپ قارالغان ئىدى. ئامما ئۆتكەن يىلى خېنەندە يۈز بەرگەن تۇڭگانلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، مىللىي مەسىلىنىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابى مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ھەل قىلىش ھوقۇقىنى خىتاي ئاساسى قانۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.