خىتاي سىياسىي دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلماقچى
2005.10.18
خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ سىياسىي دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدە تارىخىدىكى تۈنجى ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابېنتى ئاخبارات ئىشخانىسى چارشەنبە كۈنى بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىدىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاينىڭ سىياسىي دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىدىكى پرىنسىپلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈپ، بۇ ساھەدە ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن " نەتىجىلىرى" ئىزاھلىنىدىكەن.
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، بېيجىڭ دېموكراتىك قۇرۇلۇشتا دۈچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھات قەدىمىنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىلىرىنى تەنقىدلەپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاي بولسا بۇنى ئىنكار قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىكىتىدىغانلىقىنى تاشقى دۇنيانىڭ قول تىقىشى ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- خوڭكوڭدا پۇقرالار ئون مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونومىيىلىك مەسىلىلەر بويىچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا رىفىراندۇم ئېلىپ بېرىشنى رەت قىلدى
- خۇ جىڭتاۋ 1989 - يىلدىكى دىمۇكراتىيە ھەركىتىنى ئاقلاش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈردى