خىتاي ئاق تاشلىق كىتابىدا كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن سىگنال بەردى


2005.10.19

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سىياسىي دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى ھەققىدە تۈنجى قېتىم ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى دېموكراتىك قۇرۇلۇش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن "نەتىجىلىرى" نى تەشۋىق قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 74 بەتلىك بۇ ئاق تاشلىق كىتابى ئارقىلىق ئاساسلىقى نېمە ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى خىتايدىكى بىر مىليارد 300 مىليون خەلق ئۈچۈن پايدىلىق دېگەن نۇقتىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بۇ ئاق تاشلىق كىتاب شۇنداقلا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيە مۇتلەق ھاكىمىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئاق تاشلىق كىتابتا، "خىتاينىڭ سوتسىيالىزمچە سىياسىي دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. خىتاينىڭ دېموكراتىيىسى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خەلق دېموكراتىيىسى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، " ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بىكىتكەن قانۇنلىرىمىز ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق" دېيىلگەن. ئەمما تەنقىدچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ" دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆز قانۇنلىرىنىمۇ ئىجرا قىلمايدىغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.