خىتاي 2006 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلدى
2006.12.29
خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى 2006 - يىللىق "دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى" ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يىلىغا 17 % لىك سۈرئەتتە كۆپىيىپ بېرىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى ۋە ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنى رايون ۋە دۇنيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئەمەس، دەپ ئاقلىدى. بۇ خىتاينىڭ 1998 - يىلدىن بېرى 5 - قېتىم دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاق تاشلىق كىتابتا " نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلەشمەكتە شۇنداقلا بۇ كۆپ تەرەپلىمىلىككە قاراپ يۈزلەنمەكتە. جوڭگو تەيۋەن مۇستەقىلچى كۈچلىرىنى توساش جەھەتتە مۇرەككەپ ھەم جىددى كۈرەشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
ئاق تاشلىق كىتاپتا ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتىكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ ئاساسى نۇقتىسى يەنىلا "دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا قارىتىلغان."ئاق تاشلىق كىتابتا، 2005 - يىلى ئازات ئارمىيىسىدىن 200 مىڭ ئەسكەرنىڭ قىسقارتىلغانلىقىنى، نۆۋەتتىكى ھەربىي قىسىملار سانىنىڭ 2 مىليون 300 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاق تاشلىق كىتابتا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئاق تاشلىق كىتاپتا ئەسكەرتىشىچە، 1990 - يىلدىن 2005 - يىلغىچە خىتاينىڭ يىللىق ھەربىي خام چوتى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 36.15 پىرسەنت كۆپىيىپ ماڭغان. 2006 -يىلدىكى ھەربىي خام چوتىنى 280 مىليارد 380 مىليون يۈەن، دەپ جاكارلىدى. لېكىن ئامېرىكىلىق كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتىنى بۇنىڭدىن 2-3 ھەسسە كۆپ، دەپ پەرەز قىلىشماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە
- خىتاي ھەربىي خامچوت مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى قوپاللىق بىلەن ئەيىبلىدى
- خىتاي تەھدىتلەرگە قارشى ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش نەزەزىيىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى
- خۇ جىنتاۋ گېنېراللارنى ئۆستۈردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە ھازىرلىغان دوكلاتى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى