خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ گۇاڭدۇڭدىكى ھەرىكىتىنى ئاقلىدى


2006.01.16

خىتاي دائىرىلىرى، گۇاڭدۇڭنىڭ سەنجياۋ كەنتىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كەنت ئاھالىسىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئۈچۈن توك كالتەكلىرى ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ئاي يەنە گۇاڭدۇڭدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ساقچىلار نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقان.خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمما ۋەقە شاھىتلىرى ۋە بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نامايىشنى باستۇرۇشى جەريانىدا، 20 ئەتراپىدا نامايىشچى ئۆلگەن. خەلقئارا جامائەتنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بۇ ۋەقە، تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن.

سەنجياۋ كەنتىدىكى ياڭ فامىلىلىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، رويترېس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارشى قورال ئىشلەتمىدى.نامايىش جەريانىدا بەزى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ساقچىلارغا قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بەزى نامايىشچىلار يارىلانغان، دېدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى بىر نەچچە يۈز كىشىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كەنت ئاھالىسىدىن فابرىكا قۇرۇش ئۈچۈن ئالغان يەرگە بەرگەن تۆلەم پۇلىنىڭ ئازلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەنجياۋ كەنتى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا توپلىنىشى بىلەن باشلانغان نامايىش شەنبە كۈنىگىچە داۋاملاشقان.

ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى، نامايىشچىلارنى تارقتىش ئۈچۈن توك كالتەكلىرى ئىشلەتكەن.

خوڭكوڭ مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچىلارنىڭ نامايىشنى باستۇرۇشى جەريانىدا 13 ياشلىق بىر قىز قازا قىلغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قىزنىڭ ساقچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى جەريانىدا ئەمەس، شەنبە كۈندىكى توقۇنۇشتىن بۇرۇن يۈرەك كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.