كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بېيجىڭ شەھىرى دائىرىلىرىنىڭ 2008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە 50 تىن ئارتۇق ئاققۇنلار پەرزەنتلىرى مەكتىپىنى تاقىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئاققۇنلار پەرزەنتلىرىنى تەلىم - تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان. بېيجىڭ شەھىرى دائىرىلىرى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئاققۇنلار مەكتەپلىرىنى تاقاشنى قارار قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى سوفىيا رىچاردسېن، "بېيجىڭ 2008 - يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن 5 مىليارد دوللار سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاققۇنلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى رەت قىلماقتا" دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇنىڭ ئولىمپىك يىغىنى نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى تىزىمغا ئالدۇرمىغان 239 ئاققۇنلار مەكتىپىدە 90 مىڭ دىن ئارتۇق ئاققۇنلار پەرزەنتلىرى ئوقۇماقتا ئىكەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، "دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە توشمايدىغان مەكتەپلەرنى تاقاش ئاققۇنلار پەرزەنتلىرىنىڭ تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى تېخىمۇ قوغدىغانلىقتۇر" دەيدۇ. (ئەركىن)