گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قۇرۇلۇشتا ئىشلەۋاتقان 300گە يېقىن خىتاي ئاققۇن ئىشچىلار بىلەن توقماق، كالتەكلەر بىلەن قوراللانغان بىر نەچچە يۈز كىشى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم يارىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى 2- ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا 1 ئادەم ئۆلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خې يۈەن شەھىرىدىكى بىر ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتقان ئاققۇن ئىشچىلار ئۆتكەن ھەپتە جۈمە كۈنى ئىش تاشلاپ، 4 ئايدىن بۇيان بېرىلمىگەن ئىش ھەققىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە، ئىش تاشلاپ نامايىش قىلغان ئىشچىلارغا، قوللىرىدا ھەرخىل شەكىلدىكى توقماقلارنى كۆتۈرۈشكەن بىر توپ ئادەملەر كېلىپ ھۇجۇم قىلغان.
بىر ئاققۇن ئىشچىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، باشتا، گۈرجەك كۆتۈرۈشۈپ بىر توپ ئادەم كەلگەن، كېيىن يەنە پالتا- پىچاق ۋە پولات تۇرۇبا قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈشۈپ يەنە بىر توپ ئادەم كەلگەن.
فۇيۈەن ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن توختاملىشىپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ خې يۈەن شەھىرىگە قۇرۇلۇۋاتقان سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتقان شېنجېن چيۇتيەن قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ باشلىقى ليۇ جۇڭچېڭ، توقۇنۇش تاكى ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگۈچە داۋام ئەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەت فۇيۈەن ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياللانغان بىر توپ كىشىلەر بىلەن ئاققۇن ئىشچىلار ئارىسىدا چىققان بۇ توقۇنۇشقا چېتىشلىقى بار 4 نەپەر گۇماندار قولغا ئېلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ بايانلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا، نامرات، چەت-ياقا رايونلاردىن كەلگەن 200 مىليوندىن ئارتۇق ئاققۇن ئىشچى بار بولۇپ، ئۇلار دائىم، سالامەتلىك سۇغۇرتىسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىقتەك ئەھۋاللارغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن.(جۈمە)