خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ چارشەنبە كۈنى ئارگېنتىنا دۆلەت مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، خىتاي بىلەن ئارگېنتىنا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇجىنتاۋ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئارگېنتىنا بىلەن بولغان سىتىراگىيىلىك مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئىشەنچىسى بارلىقىنى كۆرسەتكەن.
بۇنىڭ ئالدىدىلا، ئارگېنتىنا ئەمەلدارلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئارگېنتىناغا كىيىنكى ئون يىل ئىچىدە،20 مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى ئارگېنتىنا قاراتقان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ پەيشەنبە كۈنى كەچتە چىلىگە قاراپ يولغا چىققان. خۇجىنتاۋ چىلىدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. (ئارزۇ)