ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى
2004.08.20
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ باياناتچىسى خاۋ چىيوڭنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بېيجىڭدىكى ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان.
خىتاي قانۇنلىرىنىڭ پۇقرالار توپلىشىپ ۋەقە تۇغدۇرۇشقا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خاۋ چىيوڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى قانۇن بويىچە تېپىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى بېيجىڭدىكى ئىشچىلار تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا، خىتاي كوماندىسى 3 قارشى بىر نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرىۋەتكەنىدى. نەتىجىدە خىتاي پۇتبول مەستانىلىرى ياپونىيە بايرىقىنى كۆيدۈرگەن، ياپونىيە دىپلوماتلىرىنىڭ ماشىنىلىرىنى ۋەيران قىلغان. خاۋ چىيوڭ، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە دۆلەتلەردە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ دېدى.
خاۋ چىيوڭ، خىتاي قانۇنلىرى پۇقرالارنىڭ توپلىشىپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇشىغا يول قويمايدۇ دېگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلى شى ئەندىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياپونىيىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسمىغان. ئالدىنقى يىلى شىئەندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، مەكتەپ دائىرىلىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا يان بېسىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. (ئەركىن)