خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ئۇچۇر ۋاستە شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا يول قويۇش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى


2004.11.18

خىتاي ھۆكۈمىتى پات ئارىدا چەتئەل ئۇچۇر ۋاستە شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىپ، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىنو- تىلۋىزىيىچىلىك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىغا يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ۋايكوم (VIACOM) دىسنىي ۋە خەۋەرچىلىك گوروھى قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىگە يول ئېچىپ بېرىدىكەن.

يېڭى بەلگىلىمە بويىچە، چەتئەل شىركەتلىرى خىتايدىكى تېلۋېزىيە پروگىرامما ئىشلەش شىركەتلىرىنىڭ 49% پاي چېكىنى ئىگەللىشىگە يول قويۇلىدىكەن.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، كومىنىستىك پارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتىگە بىرەر تەھدىد يىتىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خەۋەر ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە ئالاقىدار پروگىرامممىلارنى ئىشلىشىگە قاتنىشىشىنى يەنىلا چەكلەيدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.