خىتايدا رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ چەتئەل مەتبۇئات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى چەكلەندى


2005.07.13

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردىكى رادىئو - تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى چەتئەل مەتبۇئات ئورگانلىرىغا ئىجارىگە بېرىشنى چەكلىدى شۇنداقلا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلاردا شۇ جايدىكى مەتبۇئاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، پروگرامما ئىشلىشىگە بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. بۇ نەق مەيداندىن بېرىلىدىغان پروگراممىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بىراق بۇ بەلگىلىمە مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يەرلىكدىكى بىر قىسىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن تۈزگەن بەزى توختاملارنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىر ئىشلىنىۋاتقان پروگراممىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، يېڭى بەلگىلىمىنى دائىرىلەرنىڭ مەتبۇئات ساھەسىنى كونترول قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.