خىتاي چەتئەل تىلىدىكى گېزىت-ژورناللارنى توسىماقچى


2005.07.20

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ گېزىت-ژورنال نەشر قىلىپ تارقىتىش بەلگىلىمىسىنى قوغداپ، بىر قىسىم چەتئەل تىلىدا چىقىدىغان گېزىت-ژورناللارنى تەكشۈرۈپ تاقىۋىتىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقاردى.

بۇ ئۇقتۇرۇشنى، خىتاينىڭ ئاخبارات نەشرىيات باش ئىدارىسى، دۆلەت كابىنتى ئاخبارات ئىشخانىسى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە مەملىكەتلىك "سېرىق كىتابلارنى تازىلاپ، قانۇنسىز كىتابلارنى يوقۇتۇش" خىزمەت گۇرۇپپا ئىشخانىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى خىتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇرمەنلەرنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلىۋاتقان بىر قىسىم گېزىت-ژورناللارنى توساشنى نىشانلىغان.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە، خىتايدا چەتئەل تىلىدا چىقىرىلىدىغان ھەر قانداق گېزىت-ژورناللارنىڭ چوقۇم ھۆكۈمەت تەسدىقلىغان نەشرىيات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلىشى ھەمدە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق بويسۇنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

شۇنداقلا ئۇنىڭدا يەنە، بۇ گېزىت-ژورناللارنىڭ مەزمۇنلىرىمۇ خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن دائىرىدە بولىشى، ئۇنىڭدىن ھالقىغان ھەرقانداق مەزمۇنلارنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل يېزىقىدىكى گېزىت-ژورناللارنى توسۇشىلا ئەمەس بەلكى خىتايدىكى پۈتۈن مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى، خەلقئارا جامائەت خېلىدىن بېرى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.