خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ بىر مۇخبىرىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن سوتلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى سىنگاپوردىكى "بوغاز ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى چىن چېڭنى، 2000 - يىلدىن 2005 - يىلغىچە ئاخبارات سېتىۋېلىش ۋە تەيۋەنگە ئاخبارات يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئەيىپلىدى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر چىن چېڭنىڭ جىنايىتى مۇقىملاشسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. چىن چېڭ بۇ يىل 4 - ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئەمما چىن چېڭنىڭ ئايالى، ئېرىنىڭ جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئەيىبلەشكە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەلقئارا مۇخبىرلار فېدېراتسىيىسى بۇ يىل 5- ئايدا بايانات ئېلان قىلىپ، چىن چېڭنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن پەۋقۇلاددە بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىرلار فېدېراتسىيىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋارېن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغۇش بىلەن تەنقىد قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، چىن چېڭنىڭ جىنايىتىنى ئىقرا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

چىن چېڭ بۇ يىل 22 - ئاپرىل كۈنى گۇئاڭجۇدا قولغا ئېلىنغان. چىن چېڭنىڭ ئايالىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ يولدىشى گۇئاڭجۇغا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق سېكرىتارى جاۋ زىياڭ توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى ئېلىشقا بارغان. ئۇ، ئىلگىرى خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان "ۋېن خۇي" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئىدى. چىن چېڭ 1989 - يىلى تيەنەنمېن ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن مەزكۇر گېزىتتىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. (ئەركىن)