خىتاي ئۆتكەن يىلى 79 خىل گېزىتنى چەكلىگەن
2006.01.18
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە 79 خىل گېزىتنى چەكلەپ، تەخمىنەن 169 مىليون پارچە نەشر ماتېرىيالىنى مۇسادىرە قىلغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ نەشرىيات مەھكىمە باشلىقى ليۇ سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ قانۇنسىز نەشىر قىلىش ئەھۋالىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، مەدەنىيەت بازىرىنى تازىلاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقنىمۇ كۈچەيتىش زۆرۆرلىكىنى تەكىتلىدى.
شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ھەتتا بەزى ئورۇنلارنىڭ جازاغا تارتىلغانلىقى يېزىلسىمۇ، لېكىن قانداق جازالانغانلىقى ۋە چەكلەنگەن نەشر ماتېرىياللىرىنىڭ نېمىلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلمىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقى ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقى ۋە ئىنتېرنېت يازغۇچىلىرىغا بولغان باستۇرۇشى ئەڭ كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ چەكلىگەن دۆلەت - خىتاي
- "يېڭى بېيجىڭ گېزىتى" نىڭ باش تەھرىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
- ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي مۇخبىرلارنىڭ تۈرمىگە سولىنىشى بويىچە دۇنيا چىمپىيونلىرى
- "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" خىتاينى ئەيىبلىدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ جاۋ يەنگە مۇكاپات بەرگەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى غەزەپلەندۈردى