خىتاي ياشلار گېزىتىنىڭ مەخسۇس سانى توختىۋېتىلدى


2006.01.25

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا "خىتاي ياشلار گېزىتى"نىڭ ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن كۆپ ئالقىشقا ئېرىشىپ كەلگەن "بىڭدىيەن" دەيدىغان مەخسۇس سانىنى تاقىۋەتكەن. بۇ گېزىت 10 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك ئاخبارات ماقالىلىرى يۈرەكلىك بىلەن ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ گېزىت ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

بۇ گېزىت سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جىددىي بۇيرۇق بىلەن تاقىۋېتىلگەن. تېخى بۇنىڭ ئالدىدىلا خىتايدىكى ئەركىن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان يەنە بىر مەتبۇئات ‏- شىڭجىن گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ياڭ ۋۇ خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى. بۇ ئەھۋاللار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

"خىتاي ياشلار گېزىتى" نىڭ بۇ ھەپتىلىك مەخسۇس سانى جەمئىيەت رىئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقلەرنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە چىرىكلىكنى پاش قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ساننىڭ باش مۇھەررىرى لى داتوڭ ئۆتكەن يىلى 8‏- ئايدا ئوچۇق خەت يېزىپ، "خىتاي ياشلار گېزىتى" نىڭ بەزى بەلگىلىمىلىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

باش شىتابى فرانسىيىدىكى " چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" يېقىندا چىقارغان 2005‏- يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان كونتروللۇقىنى ئەيىبلەپ، ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 9‏-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.