كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان ئاخبارات چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى
2007.11.23
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىشىغا قارىماي، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەنىلا چەتئەللىك مۇخبىرلارغا چەكلەنگەن رايون بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. دوكلاتتا يەنە، خىتايدا يەرلىك دائىرىلەر لۈكچەكلەرنى ياللىۋېلىپ، مۇخبىرلارغا تەھدىت سالىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى فېلىن كئېين، "شىنجاڭ بىلەن تىبەت بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا چەكلەنگەن رايون. چەتئەللىك مۇخبىرلار بۇ جايلارغا بېرىش ئۈچۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك. بۇنى تەستىقلاشقا ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ھەم مۇرەككەپ رەسمىيەتلەر كېتىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
يىغىندا لوس - ئانگېلېس گېزىتىنىڭ خىتايدىكى مۇخبىرى جېيمىز مان، يېقىنقى 25 يىلدىن بېرى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەت ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ئازىيىش ھەم چېكىنىش بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " مەن بۇرۇن خىتايدا مۇخبىرلىق قىلغان يىللىرىمدا ئۆزەم يالغۇز شىنجاڭ ۋە تىبەتكە بارغان ئىدىم. لېكىن كېيىنكى چاغلاردا بۇ قىيىنلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ 80 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونلاردا ئاخبارات چەكلىمىسىنى كۈچەيتتى،" دەيدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا، خىتاي ئولىمپىك كومىتېتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىن چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي مۇخبىرلىرىنىمۇ بۇ ئەركىنلىكتىن بەھرىمان قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى بەلگىلىمە چىقىرىپ، چەتئەللىك مۇخبىرلار كېلەر يىلى 10 - ئايغا قەدەر خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكە- شەھەرلىرىدە رۇخسەتسىز خەۋەر بەرسە، خالىغان كىشىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ساركوزىدىن خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي " جۇڭگونىڭ سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى
- مۇخبىرلار بايرىمى كۈنىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىشى چەكلەندى
- دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئىزچىل قامال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- ئامېرىكا قىرغىزىستاندىن سۈيقەستكە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ قاتىلىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى خىتاينى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى
- پرېزىدېنت بۇش، خىتاينى تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىككە دەۋەت قىلدى
- ئاتاقلىق كىنو چولپىنى رىچارد گېر، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئوچۇق بولۇشقا چاقىردى
- ئەنگىلىيە مىنسىتىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى