ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى خىتايغا كىرگۈزۈلمىدى
2007.12.10
دۇنيا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بەش نەپەر ئەزاسى، بۈگۈن يەنى 10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا جايلاشقان ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش ئېلىپ باردى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئولىمپىك بەلگىسىنىڭ ئورنىغا قولغا سېلىنىدىغان كويزا سۈرىتى ئالماشتۇرۇلغان بايراقلارنى كۆتۈرۈشۈپ ۋە مايكىلارنى كىيىشىپ ، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىغا قارىتا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى روبېرت مېناردنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرى خوڭكوڭدا خىتايغا كىرىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. مېنارد ئەپەندى: "خىتاي بولسا مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تۈرمە. ئولىمپىك يېقىنلىشىۋالىدۇ ، بۇنىڭغا چارە قىلىشنىڭ ياخشى پەيتى" دەيدۇ.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بەزى ئەزالىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە بەزى چەت ئەل مۇخبىرلىرى ھەققىدە ئولىمپىك كېلىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن ماتېرىياللارنى توپلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ: " خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى ئولىمپىك يىغىنىدا تەنقىدچىلەرنى چەتتە قالدۇرۇش پىلانىنىڭ ئىسپاتى" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ يىل ئاۋغۇستتا، خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭدا ئاخبارات ئەركىنلىكى توغرىسىدا نامايىش قىلغان چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسىنىڭ ياتىقىنى ئاختۇرغان ۋە نامايىش ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا كەلگەن 10 نەچچە نەپەر مۇخبىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان ئىدى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى
- گوللاندىيە مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان ئاخبارات چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ساركوزىدىن خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا قىرغىزىستاندىن سۈيقەستكە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ قاتىلىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى خىتاينى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى
- 3 - ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...
- خۇ جىنتاۋ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىر دېلوسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
- خىتاي مەتبۇئات تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينى خەلقئارا جامائەتچىلىككە توغرا تونۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى
- خىتاي ژورنالىستلارنى قاماش جەھەتتە دۇنيا بويىچە باش تۈرمە