بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن يەنى 31 - دېكابىر بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبى، 31 - دېكابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي يېڭى ئاخبارات تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ يەنىلا توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن، يېڭى ئاخبارات تۈزۈمى بەلگىلىگەن، بۇ بەلگىلىمە بۇيىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي تەۋەلىكىدىكى ھەر قانداق يەرنى زىيارەت قىلالايدىغان، زىيارەت جەريانىدا ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدىغان بولغان ۋە بۇ يېڭى تۈزۈم، ئولىمپىك ئاخىرلاشقانغا قەدەر يەنى 2008 - يىلى 17 - ئۆكتەبىرگە قەدەر ئىجرا قىلىنىدىغان بولغان.
FCCC يەنى خىتايدىكى چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتايدا داۋاملىق تۈردە توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. FCCC نىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، 2007 - يىلى ئىچىدە 180 دىن ئارتۇق مۇخبىر خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، يەرلىك پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ ئۇرۇش، تىللاش، قورقىتىش قاتارلىق مۇئامىلىسىگە دۇچ كەلگەن. بېيجىڭدىكى بىر يىغىۋېلىش ئورنىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىككى مۇخبىر، 10 غا يېقىن سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىنىڭ قورشاۋىدا قالغان ۋە ئۇرۇپ قوغلاپ چىقىرىلغان. بۇ يىغىۋېلىش ئورنى، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەركەزگە ئەرز سۇنۇشقا كەلگەن بىر قىسىم ئەرزىيەتچىلەر قاماپ قويۇلغان جاي بولۇپ، خىتاينىڭ ئاخبارات ساھەسىدىن قاچۇرىدىغان نازۇك جايلاردىن بىرىدۇر.
مەزكۇر كۇلۇبنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە، خىتايدا، مۇخبىرلار ئەڭ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىۋاتقان، ھەتتا، بەزىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنىۋاتقان جاي، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت بولۇپ، يېڭى ئاخبارات تۈزۈمى بۇ رايونلارغا ئازراقمۇ تەسىرىنى كۆرسىتەلمىگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)