چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 2007 - يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
-
2008-01-03 -
-
-
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى 2007 - يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئەھۋالىغا كۆز يۈگۈرتتى.
دوكلاتتا 2007 - يىلىدا دۇنيادا 86 نەپەر مۇخبىر بىلەن 20 نەپەر ئاخبارات ياردەمچىسىنىڭ ھەر خىل شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 887 نەپەر مۇخبىرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، 1511 نەپەر مۇخبىر زوراۋانلىق ھۇجۇمى ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان. 67 مۇخبىر گۆرۈگە ئېلىنغان ، 528 ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خىزمەتلىرى تەكشۈرۈلگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئىنتېرنېت تور بېتىدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلغان ھەمدە ، دۇنيادىكى تور بېتىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئىنكاس قىلغان 37 نەپەر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، 21 ىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، 2676 تور بېتى تاقىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان .
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەزكۈر يىللىق دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئىراق ، سۇمالى ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇخبىرلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلانغان بولۇپ ، خىتايدا بولسا 33 مۇخبىرنىڭ مۇخبىرلىق سالاھىتى ئېلىپ تاشلانغانلىقى شۇنىڭدەك ئىنتېرنېتتە ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بايان قىلغان 50 نەپەر ئۆكتىچىگە قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنگەن ، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئاخبارات ساھەسىگە قارىتىلغان كونتروللۇقىنىڭ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى، مەشھۇر ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى
- چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يەنىلا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى : خىتاي ئۆزىنىڭ يېڭى ئاخبارات بەلگىلىمىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ياۋروپا پارلامېنتنىڭ خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىنى ئالقىشلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلىدى
- ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى خىتايغا كىرگۈزۈلمىدى
- خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاي مەسىلىسىدە ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتىلغان ئاخبارات چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ساركوزىدىن خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى
- خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى