خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگەر شيې چۈنرېننى، تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىپ بەرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغان ئالغان.
ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، شيې چۈنرېن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل 31 - ماي كۈنى چېڭدۇ شەھىرىدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇندىن بۇيان ئۇ ئۆيدە نەزەربەنتكە ئېلىنغان.
شيې چۈنرېننىڭ ئامېرىكىدىكى ئوغلى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى جاسۇسلۇق بىلەن قولغان ئېلىنغان دېيۋىد دوڭ ۋېينىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇنىڭ دادىسىنى خاتا تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، دادىسى دوڭ بىلەن ئۇزۇن يىللىق دوست بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆرۈشمىگىنىگە ھازىر 10 يىل بولۇپ قالغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئالاقە قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خىتاي دائىرىلىرى داۋاملىق دېگۈدەك كىشىلەرنى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلەپ تۇرىدىغان بولۇپ، دوڭ ۋېي خىتايلار تەرىپىدىن جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 2003 - يىلى قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى نۆۋەتتە، شيې چۈنرېننىڭ دېلوسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. (پەرىدە)