خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىدە دۇنيا بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 9 - ئورۇندا تۇرىدۇ
2005.10.20
باش شىتابى پارىژدىكى "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2005 - يىلىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى سېلىشتۇرما تىزىملىكىدە، خىتاي ئارقىدىن سانىغاندا 9 - ئورۇننى ئىگىلىدى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ سېلىشتۇرمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە ئالاھىدە ياخشى ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ياۋرۇپا ئىكەن. ھالبۇكى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بۇ تىزىملىكتە ئارقىدىكى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە خىتاي ئارقىدىن سانىغاندا 9 -، ۋېيتنام 10 -، شىمالىي كورىيە بولسا 1 - ئورۇندا سانىلىپ، دۇنيادا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ چەكلەنگەن دۆلەت ھېسابلانغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتلەردىكى مۇخبىرلارنىڭ ۋەزىيىتى مۈشكۈل بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ياكى قوراللىق گورۇھلار مەتبۇئاتلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدىكەن.
تىزىملىكتە ئارقىدىن سانىغاندا ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغان خىتاي قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەردە بولسا، مۇخبىرلار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ، شەخسىي مەتبۇئاتلار ۋە سۆز ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى چەكلەش سىياسىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى
- دىسنىي شىركىتى خىتاينىڭ مەتبۇئات بەلگىلىمىلىرىدىن نارازى بولماقتا
- خىتاي، بىر ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگىرىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭلۇق مۇخبىرنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ بىر مۇخبىرىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن سوتلىدى