خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكىدە دۇنيا بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 9 - ئورۇندا تۇرىدۇ‎

باش شىتابى پارىژدىكى "چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى" نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ‎‎2005 - يىلىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى سېلىشتۇرما تىزىملىكىدە، خىتاي ئارقىدىن ‎سانىغاندا 9 - ئورۇننى ئىگىلىدى. ‎

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ بۇ سېلىشتۇرمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئاخبارات ‎ئەركىنلىكى جەھەتتە ئالاھىدە ياخشى ھېسابلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ياۋرۇپا ئىكەن. ‎ھالبۇكى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بۇ تىزىملىكتە ئارقىدىكى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ‎

شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە خىتاي ئارقىدىن سانىغاندا 9 -، ۋېيتنام 10 -، شىمالىي كورىيە ‎بولسا 1 - ئورۇندا سانىلىپ، دۇنيادا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ چەكلەنگەن دۆلەت ھېسابلانغان. ‎مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دۆلەتلەردىكى مۇخبىرلارنىڭ ۋەزىيىتى مۈشكۈل ‎بولۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ياكى قوراللىق گورۇھلار مەتبۇئاتلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى ‎چەكلەيدىكەن. ‎

تىزىملىكتە ئارقىدىن سانىغاندا ئەڭ ئارقىدا تۇرىدىغان خىتاي قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەردە ‎بولسا، مۇخبىرلار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇپ، شەخسىي مەتبۇئاتلار ۋە سۆز ‎ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. (ئارزۇ)‎