بېيجىڭ دائىرىلىرى چەتئەل گېزىت - ژورناللىرىنى خىتايدا بېسىپ تارقىتىتىشقا يول قويۇش پىلانىدىن ۋاز كەچتى

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەتئەل گېزىت - ژورناللىرىنىڭ خىتايدا نەشر قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىش پىلانىنى توختاتقان. ئەنگىلىيە " پۇل - مۇئامىلە گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر گروزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئەللەردىكى ۋەقەلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، چەتئەل گېزىت - ژورناللىرىغا يول قويۇش سىياسىي مۇقىمسىزلىققا ياردەمچى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شى جوڭيۈئەن، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ يۇقىرىقى دۆلەتلەردىكى سىياسىي بوران - چاپقۇنلاردا ئوينىغان رولى، جۇڭگونىڭ بۇ پىلاننى توختىتىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، " رەڭلىك ئىنقىلابلار كۈشكۈرتكۈچىلەرنى ئۆيگە كىرگۈزمەسلىك كېرەكلىكى شۇنداقلا ئىشىكنى چىڭ تاقاش لازىملىقىنى چۈشەندۈردى. بۇ سەۋەبتىن ، بىز بۇنىڭدىن ۋاقىتلىق ۋاز كەچتۇق" دەيدۇ.

"پۇل مۇئامىلە گېزىتى" قاتارلىق بىر قانچە چەتئەل گېزىت - ژورناللىرى خىتايدا تارقىتىلىدىغان مۇھىم گېزىتلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار خوڭكوڭدا بېسىلىپ خەلقئارا مېھمانخانا ۋە ئايرودروملاردا تارقىتىلىدۇ.

بۇ خەۋەر، خىتاي دائىرىلىرى 20008 - يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىدا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا چەكلىمە قويۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. بۇ ئارىدا مەركىزى فرانسىيىدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خىتاينى دۇنيا بويىچە ئاخباراتچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ تۈرمىسى، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)