نيو-يوركتىكى خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ تارقاتقان دوكلاتىدىن قارىغاندا، دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنىڭ تۈرمىگە سولىنىش ئەھۋالى ئىستاتىستىكا قىلىنغاندا، خىتاي بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسا، ئۆزبېكىستان بەشىنچى ئورۇنغا ئېرىشكەن. بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ھازىر خىتاي تۈرمىسىدە 32 نەپەر مۇخبىر قاماقتا يېتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە سىياسىي جىنايەت ئارتىلغان. ئۇنىڭدىن قالسا، كۇبا بولۇپ، كۇبا ھۆكۈمىتى 24 نەپەر مۇخبىرغا تۈرمە جازاسى بەرگەن.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، 6 مۇخبىرنى تۈرمىگە سولىغان بولۇپ، ئۇلارغا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرغان ۋە يالغان ئىغۋا تارقاتقان دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا ھەمدە مەتبۇئاتقا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ ئەنجان ۋەقەسىنىڭ ئەمەلىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان ھەم ئۇچۇر تارقاتقان ھەر قانداق كىشى تەقىپلىنىشكە ئۇچرىغان.
ئۆزبېكىستان ھازىر دۇنيادىكى سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىلىنلىكى ئەڭ قاتتىق بوغۇلغان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ جەھەتتە خىتاي بىلەن ئورتاقلىققا ئېرىشكەن (ئۈمىدۋار).