چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ چەكلىگەن دۆلەت ‏- خىتاي

مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇق، مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان خەلقئارا تەشكىلات ‏- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 4 ‏- يانۋار كۈنى يىللىق خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 2005 ‏- يىلى ئىچىدىكى مۇخبىرلارغا قىلىنغان زوراۋانلىق ھادىسىلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ كۆرسىتىپ ئۆتتى. دوكلاتتا، خىتاي دۇنيادىكى مۇخبىرلارنى ئەڭ قاتتىق چەكلىگەن دۆلەت، ئىراق مۇخبىرلار ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دۆلەت دەپ ئېلان قىلىندى.

مەركىزى پارىژدىكى مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ "20 ‏- يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى" ناملىق بۇ يىللىق دوكلاتىدا، 2005 ‏- يىلى، مۇخبىرلار ھەمدە ئاخبارات خادىملىرى 10 يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان بىر يىل بولدى، 68 نەپەر ئاخبارات خادىمى ئۆلدى. زىيانكەشلىك ۋە تەھدىت ھادىسىلىرى 1300 قېتىمدىن ئاشتى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي گەرچە ئىراقتەك ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە بولمىسىمۇ، ئەمما خىتايدا مۇخبىرلار باشقا بىر خىل زوراۋانلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا خىتايدا مۇخبىرلارنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچراش ھادىسىلىرى ئازدەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئاخبارات باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ئوخشاشلا بىر خىل زوراۋانلىق ھېسابلىنىدۇ.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي كومپارتىيىسى تەشۋىقات مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى بېيجىڭ گېزىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئارىلىشىپ، تەھرىر ۋە مۇخبىرلار قوشۇنىدا تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. (پەرىدە)