خىتايدىكى مۇخبىر ياڭ شياۋچىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلىپ دوكلات ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئايالى ياڭ شياۋچىڭنىڭ كەسپداشلىرىنىڭ ئۇنى قوللىشىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
" خىتاي سانائەت ئىقتىسات خەۋىرى" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ياڭ شياۋچىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىكنى پاش قىلىپ بىر قانچە خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ئىككى خەۋىرىدە خۇنەن لوڭخۈي ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ نەچچە ئون مىليون ھەتتا 100 مىليون يۈەندىن كۆپ قىممەتكە ئىگە بولغان دۆلەت ئىگىلىگىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدىكى تۆۋەن باھادا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا سېتىپ بەرگەنلىكىنى پاش قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ياڭ شياۋچىڭنى بۇ يىل 1-ئايدا قولغا ئېلىپ، ئۇنى لوڭخۈي ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرىتارىغا قورقاق سالغان دەپ ئەيىبلىگەن. ياڭ شياۋچىڭ ئادۋۇكاتىغا ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ھەمدە ساقچىلارنىڭ قىيىن-قىستىقى بىلەن گۇناھنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ياڭ شياۋچىڭنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە كەسپداشلىرى ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا مۇخبىرلىق خىزمىتى ئىنتايىن تەس بولۇپ، سەزگۈر تېمىلاردا دوكلات قىلغان مۇخبىرلار دائىم دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرايدىكەن. ھەتتا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى سوت ئورۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىدىكەن.(پەرىدە)