" نيۇ - يورك ۋاقتى"گېزىتى تەتقىقاتچىسى جاۋ يەن ئۈستىدىن يېپىق سوت ئېچىلدى


2006.06.17

بېيجىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى" نيۇ - يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ يەن ئۈستىدىن جۈمە كۈنى " چېگرا سىرتىدىكىلەرنى قانۇنسىز دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالدامچىلىق قىلىش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ يېپىق سوت ئۆتكۈزدى.

جۈمە كۈنكى سوت 8 سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن ھىچقانداق ھۆكۈم چىقارماي يېپىلغان. سوت مەھكىمىسى، دىلو دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان نازۇك مەسىلىلەرگە چېتىلغانلىقتىن يېپىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

جاۋ يەن ئائىلىسىنىڭ سوتقا قاتنىشىش تەلىپى دائىرىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. " نيۇ - يورك ۋاقتى "گېزىتى 2004 يىلى شۇ چاغدىكى خىتاي دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىننىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسلىكىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، جاۋ يەن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى. لېكىن جاۋ يەن بۇ ئەيىبلەشنى باش ئاخىرغىچە رەت قىلىپ كەلمەكتە. جاۋ يەننىڭ دىلوسى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتلىرى جاۋ يەننىڭ 2 يىلدىن بېرى ئىزچىل سۇئال - سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ۋە خىتاي قانۇنلىرىنى خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا خىلاپ، دەپ تەنقىدلىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.