خىتاي ھۆكۈمىتى، مەتبۇئاتنىڭ جىددىي ۋەزىيەت ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئىشىنى تېخىمۇ چىڭ كونترول قىلشىنى پىلانلىماقتا

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ھۆكۈمەتنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەر، ساغلىق ۋە ئىجتمائىي كرىزىس قاتارلىق جىددىي ھالەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشى توغرىسىدا بىر قانۇن لايىھىسى تەييارلىماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تەييارلىنىۋاتقان قانۇن لايىھىسىگە ئاساسەن ، بۇنداق جىددىي ھالەتلەردە قانۇن تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قائىدىلەرگە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ ھالدا ۋەقەلىك توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن مەتبۇئات ئورگانلىرى100000 يۈەنگە قەدەر جەرىمانە تۆلەش جازاسىغا ئۇچرايدىكەن.

قانۇن لايىھىسىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يۈز بېرىدىغان جىددىي ۋەقە ھەققىدە ۋاقتىدا خەۋەر بېرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. ئەمما ،ئەگەر بېرىلگەن خەۋەرلەر كرىزىسقا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىگە تەسىر يەتكۈزسە، ھۆكۈمەت مەتبۇئات ئورگانلىرىنى ۋەقەدىن خەۋەردار قىلمسىمۇ بولىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قانۇن لايىھىسىدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەتبۇئاتتا چىققان خەۋەرلەرنى نازارەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ،خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى، 2003‏- يىلى سارس كېسەللىكى ئوتتۇرىغا چىققاندا، يۈز بەرگەن خاتالىقلار سەۋەبىدىن بۇنداق بىر قانۇن چېقىرىشنى قارار قىلغان. (قانات)