خىتاي سوت مەھكىمىسى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خوڭكوڭ مۇخبىرىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى

خىتاينىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان "سىنگاپور بوغاز ۋاقتى" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى چىن چېڭنىڭ سوت ھۆكۈمىگە قايىل بولماي يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى.

بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى چىڭ چېڭنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىققان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمگە قايىل بولماي سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. چىڭ چېڭنىڭ ئاكىسى چىڭ خەي، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، " كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولدى ۋە بۇنىڭدىن ھەيران قالدۇق. سوتچى تۆۋەن دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق، دەپ قارىدى ۋە بىزنىڭ ئەرزىمىزنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى،" دەيدۇ.

چىڭ چېڭ 2005 - يىلى 4 - ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن گۇئاڭجۇدا قولغا ئېلىنغان. ۋە يېقىندا 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىدى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۇنىڭ تەيۋەندىكى مەلۇم بىر فوندى جەمئىيەتكە "دۆلەت مەخپىيەتلىكى ۋە ئاخبارات" ساتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاخبارات ۋە مەخپىيەتلىكنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى تىلغا ئالمىغان.

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چىڭ چېڭنىڭ قولغا ئالغانلىقىنى ۋە سوتلىماقچى بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)