خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن سۆز ھەم ئاخبارات ئەركىنلىكلىرىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەندى


2007.02.06

6 - فېۋرال كۈنى خىتاي، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ھەمدە خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىدىن ئىبارەت ئىككىلا خەلقئارالىق جەمئىيەت تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا سۆز ئەركىنلىكى بوغۇلغان، ئاخبارات ئەركىنلىك داۋاملىق توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقان دۆلەت دەپ ئەيىبلەندى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدا خۇ جىنتاۋ تەخىتكە چىققان تۆت يىلدىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە ئوخشاشلا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلىقى، تەنقىدى كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ھەق ھوقولىرىغىمۇ دەخلى تەرۇز قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇلارغا دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارلاش دېگەندەك جىنايەتلەرنى ئارتىپ ناھەق جازا كۆرىۋاتقانلىقى تەنقىدلەنگەن.

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا -2006 يىلىنىڭ ئۆزىدىلا ئاز دېگەندە 19 نەپەر مۇخبىر ئىنتېرنېتتا خەۋەر ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

بۈگۈن بۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىمۇ ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى يىگىرمە نەچچە يازغۇچىنىڭ خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رايون مۇھاكىمىسىگە قاتنىشىشىنى چەكلىدى. بۇ خىتايدا سۆز ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى" دەپ بىلدۈردى.

قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتايدا 33 نەپەر يازغۇچى ھەم ئاخباراتچىنىڭ تۈرمىگە ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە بۇ پەقەت تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلىنىپ چىقىرىلغان سان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان يازغۇچىلار سانى ئۇنىڭدىنمۇ جىق بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدىلا توختى مۇزارت، نۇرمەمەت ياسىن، كۈرەش ھۈسەيىن قاتارلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىمۇ يازغان ئەسەرلىرى تۈپەيلى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.