خىتايدا زىيالىيلار "ئۇچۇر ئەركىنلىكى قانۇنى" ماقۇللاشنى تەشەببۇس قىلماقتا
2007.03.28
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ خەلققە قىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن خىزمەت ئورنىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئاخباراتچى جى ئەيزوڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم زىيالىيلار 28 - مارت كۈنى توپلىنىپ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ھازىر خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىشلارغا نازارەت قىلىشى كۈندىن - كۈنگە مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھازىر خىتايدا ئۇچۇر -ئاخبارات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ۋە ئىنتېرنېتكە كېرىدىغان سان-ساناقسىز ئادەمنىڭ تېخىچە ئۇچۇر ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى شەرھىيلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ بىر تۈركۈم زىيالىيلار خىتايدا ھازىر ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن تىكلەپ، ئۇچۇر -ئاخبارات خادىملىرىغا خەلقئارالىق ئۆلچەم بۇيىچە مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەۋىسىيە قىلغان.
خىتايدىكى مەشھۇر يازغۇچىلاردىن لىندا قاتارلىق زىيالىيلارمۇ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى دەپسەندە قىلىشىغا خاتىمە بېرىشنى ۋە خەلقنىڭ قانۇن ئالدىدا كوممۇنىست پارتىيە بىلەن باراۋەر بۇلۇشى لازىملىقىنى تەۋىسىيە قىلغان. خىتايدا "ئۇچۇر -ئاخبارات قانۇنى" تىكلەش ھەققىدىكى بۇ تەشەببۇس ھازىر قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن بىرى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن سۆز ھەم ئاخبارات ئەركىنلىكلىرىنى بوغۇش بىلەن ئەيىبلەندى
- خۇ جىنتاۋ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىر دېلوسىنى تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
- خىتايدا بىر مۇخبىر كۆمۈر كاننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى
- خىتاي مەتبۇئات تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىتاينى خەلقئارا جامائەتچىلىككە توغرا تونۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى