خىتاي يەرلىك مۇخبىرلىق پونكىتلىرىنى تەرتىپكە سالماقچى


2007.04.03

ئەنگلىيە BBC ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاخبارات- نەشرىيات باش مەھكىمىسى، ھەر دەرىجىلىك گېزىتلەرنىڭ يەرلىك مۇخبىرلىق پونكىتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

بۇنىڭدىكى مەقسەت، خىتاينىڭ بەزى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەرلىكتىكى مۇخبىرىلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش تەھدىتى بىلەن پۇل-مال ئۈندۈرۈۋېلىشتىن ئىبارەت مۇخبىرلىق كەسپىي ئەخلاقىغا مۇخالىپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

خىتاي ئاخبارات- نەشرىيات باش مەھكىمىسى، خىتايدىكى بەزى ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ يەرلىكتىكى مۇخبىرلىق پونكىتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئايرىم خادىملىرىنىڭ خەۋەر ئىشلەش ۋە مۇخبىرلىق قىلىش نامىدا پايدا ئۈندۈرۈۋېلىشنى مەقسەت قىلىش خاھىشلىرىنى تەنقىت قىلغان.

يېڭى بەلگىلىمىدە، پەقەت ھەقىقىي مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بار خادىملارنىڭلا ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى بەلگىلىنىپ، يەرلىك پارتىيە ‏- ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مۇخبىرلىق پونكىتلىرىنىڭ باشلىقىنى بەلگىلەيدىغان، مۇخبىرلىققا سالىدىغان ۋە مۇخبىرلار ئاخبارات بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خاھىشلارنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ يىل يانۋاردا "خىتاي سودا گېزىتى" نىڭ شەنشىدىكى مۇخبىرلىق پونكىتىنىڭ ئەزاسى لەن چېڭجاڭ خىزمەتدېشى بىلەن تەييۈەندىكى بىر قانۇنسىز كۆمۈر كاننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كان مەسئۇلى قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

تەييۈەن ساقچى دائىرلىرىنىڭ ئېنىقلاپ كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى ئىككى مۇخبىر كان مەسئۇلىدىن پۇل ئۈندۈرۈۋالماقچى بولغان ھەم كۆمۈر كان مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇخبىرلارنىڭ كىنىشكىسىدە خىتاي ئاخبارات- نەشرىيات باش مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى يوق بولۇپ كانچىلار بۇ مۇخبىرلارنى "يالغان مۇخبىر" دەپ ھېس قىلىشقان ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.