خىتاينىڭ ئايال ‏- بالىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يىغىنى ئېچىلدى


2008.01.24

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئايال ‏- بالىلارنىڭ ھوقۇق ‏- مەنپەئەتىنى قوغداش يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا " خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئىجتىمائى قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ، ئايال - بالىلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك" دېگەنگە ئوخشاش نۇقتىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، بىراق خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت مەسىلىلەر يەنىلا ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەن.

خىتايدا ئاڭلاشقا ئىنتايىن چىرايلىق، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ خىل قالپىقى چوڭ يىغىنلارنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىپ تۇرىدىغانلىقى، لېكىن بۇ خىل يىغىنلارنىڭ خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر ئىجابىي رول ئوينىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاياللار كومېتىتىنىڭ رەئىسى تامارا خانىم، خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىلىرىغا قارىتا يولسىز سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تامارا خانىم سۆزىدە يەنە ، ئۇيغۇر ئاياللىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغاندىن سىرت دىنىي بېسىم، ساۋاتسىزلىق ، ئىشسىزلىققا ئوخشاش تۈرلۈك سىياسىي بېسىملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ توي يېشىدىكى قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇرلىنىشتەك غۇرۇر دەپسەندىچىلىكىگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بولسا ئۆز ئانا تىل مائارىپىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، خىتاي مائارىپىغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.